بۇ توربېكەت سىزگە چەت ئەل ئارىلىشىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ سىزگە ياكى جەمئىيىتىڭىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ھەمدە خەۋەردار بولۇپ، بىخەتەر تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنالايدىغان ئاددىي قەدەملىرىڭىزنى كۆرسىتىدۇ۔
چەت ئەل ئارىلىشىشى دېگەن، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاۋسترالىيەگە زىيان يەتكۈزۈشقا تىرىشىدىغان ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ۔ بۇ، ئاۋسترالىيەنىڭ قارار چىقىرىش جەريانىغا مەخپىي ئارىلىشىش ياكى ئاۋسترالىيەدىكى كىشىلەرنى تەھدىت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن۔
چەت ئەل ئارىلىشىشى ئاۋسترالىيەدە يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھەمدە بۇ ھەممىمىزگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن۔
چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى كىشىلەرنى ۋە جەمئىيەت گۇرۇپپىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، كۆزىتىش، قورقۇتۇش ۋە تەھدىت قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن۔
بۇ توغرا ئەمەس۔ ئاۋسترالىيەدىكى ھەممە ئادەمنىڭ بىخەتەرلىك ھېس قىلىش ھوقۇقى بار۔
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى سىزنى قوللاش ئۈچۈن بۇ يەردە۔
بۇ توربېكەت چەت ئەل ئارىلىشىشىدىن ئەنسىرىگەن، ئۇنى كۆرگەن ياكى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان شەخسلەر ۋە جەمئىيەت ئەزالرى ئۈچۈن۔
سانائەت، ھۆكۈمەت، يۇقىرى تەلىم ۋە تەتقىقات، شۇنداقلا مېدىيا ئۈچۈن بايلىق مەنبەلەرنى تۆۋەندىكى يەردىن تېپىڭ:چەت ئەل ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش(Opens in a new tab/window).